ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر يەمەندە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن بۈگۈندىن باشلاپ يەمەندە ئىككى ھەپتە ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى - سپانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتتىپاقداش كۈچلەر باياناتچىسى تۈركى ئەلمالىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن «يەمەندە 2 ھەپتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقى»نى ئېلان قىلغان.
مالىكى، بۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ، يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گرىفىتسنىڭ «كوۋىد – 19 نىڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن» ئېلان قىلغان ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ئىران ھىمايىسىدىكى ھۇسىيلار 2014 - يىلى 9- ئايدىن باشلاپ پايتەخت سەنئا (سانا) ۋە باشقا بىر قىسىم رايونلارنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر يەمەن ھۆكۈمىتىنى 2015-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ خۇسىيلارغا قارشى قوللاپ كەلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بولسا، 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە.