نەھياننىڭ ئىدلىب كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھياننىڭ، ئىدلىب ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزۇشى ئۈچۈن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە كۆپ مىقداردا پۇل بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1394326
نەھياننىڭ ئىدلىب كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھياننىڭ، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا 5 – مارتتا سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرى توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزۇشى ئۈچۈن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە كۆپ مىقداردا پۇل بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مىدىل ئېست ئاي (ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆزى) ناملىق خەۋەرلەر تورى، شاھزادە نەھياننىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ۋە تەتبىقلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، ئەسەدكە 3 مىليارد دوللار پۇل بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە، نەھياننىڭ تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشقا ئازلا قالغاندا قېرىندىشى تاھنۇن بىن زايىدنىڭ مۇئاۋىنى، قوشۇمچە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەششەمسىنى ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقكە ئەۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان پەيتلەردە نەھياننىڭ ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، شاھزادىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھاسىل قىلىنماسلىقى تەلىپىنى تەكرارلىغانلىقى، ئەسەدنىڭ بولسا، ماددىي ياردەمگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتىپ تەكلىپكە ئىجابىي جاۋاب بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، ئەسەدنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن نەھياندىن 5 مىليارد دوللار تەلەپ قىلغانلىقى، لېكىن تەرەپلەرنىڭ 3 مىليارد دوللارغا كېلىشكەنلىكى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىنىشتىن بۇرۇن 250 مىليون دوللارنىڭ ئەسەد تەرەپكە تاپشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە پىلاندىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پۇتىننىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنى دەمەشىقكە ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، شويگۇنىڭ ئەسەدكە «يېڭى بىر ھۇجۇم پەيدا قىلىشىڭنى خالىمايمىز. رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىنى خالايدۇ» دېگەنلىكى تەكىتلەندى.

خەۋەردە يەنە، نەھياننىڭ شويگۇنىڭ دەمەشىق زىيارىتىدىن كېيىن قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئەسەدكە يەنە 1 مىليارد دوللار بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر