ئامېرىكادا ئاقساراي باياناتچىسى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

ئامېرىكادا ئاقساراي باياناتچىسى ستېفان گىرىشامنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە پىرىزېدېنتنىڭ ئايالى مېلانا ترامپنىڭ ئالىي باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1393747
ئامېرىكادا ئاقساراي باياناتچىسى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاقسارايدىكى باياناتچى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە مېلانا ترامپنىڭ ئىشخانىسىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، گىرىشامنىڭ ئاقساراي باياناتچىلىقى ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، مېلانا ترامپنىڭ ئالىي باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا مېلانا ترامپنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلىپ،  «گىرىشام ئىلگىرى مېنىڭ ئاخبارات باياناتچىم ئىدى. گىرىشامنى ئىشخانىمىزدا يەنە بىر قېتىم كۆرگەنلىكىمىزدىن تولىمۇ خۇشالمىز» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە گىرىشامنىڭمۇ «ھمم پرېزىدېنت ئەپەندىگە ۋە خانىمىغا خىزمەت قىلغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. مېنىڭ ئورنىمغا كېلىدىغان كىشى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېلان قىلىنىدۇ» دېگەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇ ئارىلىقتا  «CNN» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، گىرىشامنىڭ بۇ قارارىدا دونالد تىرامپنىڭ يېڭى ئالاھىدە باش كاتىپى مارك مىدوۋسنىڭ ۋەزىپە باشلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەۋەردە، ئالاھىدە باش كاتىپ مارك مىدوۋسنىڭ دونالد ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك باياناتچىسى كەيلېي مىكئېنانى ياكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئالىسا فاراخنى گىرىشامنىڭ ئورنىغا ئېلىپ كېلىشنى ئويلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر