ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى خىتايغا يان بېسىش بىلەن ئەيىبلەپ، ياردەمنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ترامپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى «خىتاي تەرەپدارى پوزىتسىيەدە بولۇش» بىلەن ئەيىبلەپ، تەشكىلاتىغا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە توختىتىپ قويىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1393684
ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى خىتايغا يان بېسىش بىلەن ئەيىبلەپ، ياردەمنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يۇقۇم مەسىلىسىدە «خىتاي تەرەپدارى پوزىتسىيەدە بولۇش» بىلەن ئەيىبلىگەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە توختىتىپ قويىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ترامپ، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى تەكرارلىشىشى نەتىجىسىدە ئەلپازىنى يۇمشىتىپ، «بۇنى چوقۇم شۇنداق قىلىدىغانلىقىمىزنى دېمەيۋاتىمەن، لېكىن شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىمىز» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش بىلەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسنىڭ رەھبەرلىكىدە كوۋىد - 19 يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا غايەت زور خىزمەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسنىڭ رەھبەرلىكىدە كوۋىد - 19 يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا غايەت زور خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ۋە دۆلەتلەرگە ياردەمچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغاندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا سەھىيە سىستېمىسىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

دونالد ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش كۈرەشتە «پارتىلاپ كەتكەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئاساسىي جەھەتتىن ئامېرىكانىڭ مەبلەغ سالغان بولۇشىغا قارىماي، نېمىشقىدۇر ھېلىھەم دىققىتىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرمەكتە. بىز بۇ ئەھۋالغا مۇداخىلە قىلىمىز. مەن ئۇلارنىڭ خىتايغا چېگرانى ئوچۇق قويۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيەنى قوبۇل قىلماي ياخشى قىپتىمەن. ئۇلار نېمىشقا بىزگە بۇنداق خاتا تەكلىپ بەردىكىن؟» دەپ سورىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر