دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەرەب ئەللىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى قاراداغى ئەرەب ئەللىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1393915
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەرەب ئەللىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاراداغى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئەرەب زالىملىرىنىڭ تۈرمىلىرىدىكى بولۇپمۇ سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بۇ مەھبۇسلار ئارىسىدا ئىسلام ئالىملىرىدىن سىرت يەنە، نۆۋەتتە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان دوختۇرلار ۋە سىستېرالارمۇ بار. ئى ئاللاھ! مۇستەبىتلار ۋە زالىملارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بىزنى ھالال قىلمىغايسەن!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر