شەرق دۇنياسىدىكى ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 74 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار 1 مىليون 331 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار 275 مىڭدىن ئاشتى.

1392794
شەرق دۇنياسىدىكى ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سانىلىشقا باشلانغان 2020-يىلى يانۋار ئېيىدىن بۇيان بۈگۈن (2020-يىلى 6-ئاپرېل) تۇنجى قېتىم ئۆلۈم كۆرۈلمىدى. يېڭىدىن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان 32 كىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 81 مىڭ 740 قا چىقتى، 89 كىشى ياخشىلاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 38 گە، يۇقۇملانغانلار 2 مىڭ 605 كە چىققان سەئۇدى ئەرەبىستاندا، تۆت ۋىلايەت ۋە بەش چوڭ شەھەردە كوچىغا چىقىش چەكلەندى.

ئىسىرائىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 60 قا، يۇقۇملانغانلار 9 مىڭ ئالتىگە گە چىقتى. شەھەرلەر ئارا قاتناش 2020-يىلى 6-ئاپرېل چۈشتىن 2020-يىلى 10-ئاپرېلغىچە چەكلەندى. 2020-يىلى 8-ئاپرېل شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00 گىچە كوچىغا چىقىش چەكلەندى.

غەززەدە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋۇخەن ۋىرۇسى دىياگنوزىدا ئىشلىتىلىدىغان مالزىمىلەرنىڭ بىر قانچە سائەت ئىچىدە تۈگەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇلارنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن ياردەم چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

ماراكەشتە 81 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار 120 گە چىقتى.

مىسىردا يۇقۇملانغانلار 1 مىڭ 322، جېنىدىن ئايرىلغانلار 322 گە چىقتى.

ئافغانىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 11 گە، يۇقۇملانغانلار 423 كە چىقتى. پايتەخت كابۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەردە كوچىغا چىقىش چەكلەندى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 487 گە، يۇقۇملانغانلار 10 مىڭ 75 كە چىقتى.

ئافرىقادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە ھازىرغىچە 43 دۆلەت چېگرالىرىنى پۈتۈنلەي تاقىدى. يەتتە دۆلەت خەلقئارا ئاۋىياتسىيە سەپەرلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر