كامېرۇندا بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

كامېرۇننىڭ يىراق شىمالىي رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1393282
كامېرۇندا بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرۇن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جوزېف بېتى ئاسسومىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوكو ھارام ئەزاسى ئىككى ياشنىڭ ئامچىدې يېزىسىدا ئادەم كۆپ جايغا قىلغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 ى ئېغىر بولۇپ، 14 پۇقرا يارىلانغان، ئادەم بومبىلارمۇ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، كۆپلىگەن ئادەم قاچۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىۋاتقان نىگېرىيەلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام، بولۇپمۇ كامېرۇننىڭ شىمالىي قىسمىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر