دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى فىرانسۇز دوختۇرلارنىڭ ۋاكسىنا سىنىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ياسىلىدىغان ۋاكسىنا ۋە دورىلارنىڭ «ئافرىقىدا سىناق قىلىنىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان فرانسىيەلىك دوختۇرلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1392658
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى فىرانسۇز دوختۇرلارنىڭ ۋاكسىنا سىنىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا قارشى ياسىلىدىغان ۋاكسىنا ۋە دورىلارنىڭ «ئافرىقىدا سىناق قىلىنىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان فرانسىيەلىك ئىككى دوختۇرنىڭ سۆزلىرىگە «ئىرقچى، نومۇس قىلارلىق، قورقۇنچلۇق ۋە مۇستەملىكە دەۋرىنىڭ قالدۇقلىرى» دەپ باھا بەردى.

گېبرېيۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، گەرچە كوۋىد - 19 توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلگىنىگە 100 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ۋاكسىنا تەتقىقاتىنىڭ ئىنتايىن تېز ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، 20 ئەتراپىدا ئىنستىتۇت ۋە شىركەتنىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ،  «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياسىلىدىغان دورا ۋە ۋاكسىنالارنىڭ بارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا تەڭ – باراۋەر تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسى قەتئىيدۇر» دېدى.

بەزى فىرانسۇز دوختۇرلارنىڭ كوۋىد – 19 ۋاكسىناسىنى ئافرىقادا سىناق قىلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن گېبرېيۇس، ««راستىنى ئېيتسام، مەن بەك قورقۇپ كەتتىم. مەن ھەمكارلىشىشقا موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى دەۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ خىل <ئىرقچى سۆزلەر> ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قارشى چىقىشتۇر» دېدى.

«ئافرىقا ھېچقانداق ۋاكسىنىنىڭ سىناق مەيدانى قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن گېبرېيۇس، كوۋىد - 19 ۋاكسىنىسىنى سىناق قىلىش مەسىلسىىدە، مەيلى ئافرىقا ياكى ياۋروپا بولسۇن، ئايرىمچىلىق قىلماستىن ئوخشاش بەلگىلىمە بويىچە يول تۇتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ، فىرانسۇز دوختۇرلارنىڭ سۆزلىرىگە «نومۇس قىلارلىق» ۋە «قورقۇنچلۇق» دەپ باھا بېرىپ، «ئەگەر بىر جايدا سىناق قىلىشقا توغرا كەلسە، كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك. مۇستەملىكىچىلىك روھىي ھالىتىنىڭ قالدۇقلىرى ئەمدىلىكتە  توختىتىشى كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ. 21- ئەسىردە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بۇنداق سۆزلىرىنى ئاڭلاش نومۇس ۋە قورقۇنچلۇق ئەھۋالدۇر. بىز بۇ باياناتلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر