پىرېزىدېنت ترامپ: ئامېرىكا قورقۇنچلىق نۇقتىغا يېتىدۇ، دېدى
ئامېرىكادا 24 سائەتتە 151 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 9 مىڭ 654 كە يەتتى. 337 مىڭ 971 كىشى يۇقۇملاندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 151 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە بۇ سان 9 مىڭ 654 كە چىقتى. 24 سائەتتە 25 مىڭ 722 كىشى يۇقۇملاندى ۋە بۇ سان 337 مىڭ 971 گە چىقتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «غارنىڭ ئاخىرىدا نۇرنى كۆرۈشكە باشلىدۇق» دېدى.
ئۇ 1 مىليون 670 مىڭ پۇقرانىڭ سالامەتلىكىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن (2020-يىلى 6-مارت) نىيۇ يوركقا 600 مىڭ ماسكا ئەۋەتىدۇ.ئامېرىكا ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا قورقۇنچلىق نۇقتىغا يېتىدۇ. بىراق، ئۇ نۇقتىدىن كېيىن ئىشلار ئوڭشىلىشقا باشلىنىدۇ» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، 4 مىڭ ئەسكەر بار «تېئودور روزېۋېلت» (Theodore Roosevelt) ئاۋىياماتكاسىنىڭ كاپتانى برېت كروزىيېر (Brett Crozier) نىڭمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.