لىۋىيەدە ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرگە تەۋە ھەربىي ئايروپىلان پاچاقلاپ تاشلاندى

لىۋىيەدە دۆلەتلىك  مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) غا تەۋە ھەربىي قىسىملار  قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىپە ھافتەرگە تەۋە ئۇنسۇرلارغا ئوق-دورا توشۇۋاتقان بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1392050
لىۋىيەدە ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرگە تەۋە ھەربىي ئايروپىلان پاچاقلاپ تاشلاندى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە دۆلەتلىك  مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH)  قىسىملىرى باياناتچىسى لېيتېنانت پولكوۋنىك مۇھەممەد تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «غەزەپلىك يانار تاغ ھەرىكىتى» ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فېيسبۇكتىكى ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تىرابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى تەرخۇنە شەھىرىگە يېقىن جايغا مەزكۇر ھەربىي ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ دەرھال پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«غەزەپلەنگەن يانار تاغ ھەرىكىتى» باياناتچىسى مۇستافا ئەل مەجى ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تىرابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى ئەين زارا ۋە ۋادى ئەر-رابى رايونلىرىدا ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر  قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر