مىچوتاكىس ماكرون ۋە مېركېلغا توركىيە توغرىسىدا مەكتۇپ يوللىدى

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلغا تۈركىيە بىلەن يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈش توغرىسىدا مەكتۇپ يوللىدى.

1391088
مىچوتاكىس ماكرون ۋە مېركېلغا توركىيە توغرىسىدا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلغا مەكتۇپ يوللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى بىر كېلىشىم ئىمزالىنىشى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «پروتو تېما» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىچوتاكىس مەكتۇپىدا، ياۋروپاغا كۆچمەنلەرنىڭ ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى مالىيە مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپىدا، تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر ئېقىنىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلەش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان مىچوتاكىس، ئەنقەرەنىڭ كۆچمەنلەردىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېسىم ئىشلىتىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تۈركىيەگە ماددىي جەھەتتىن يارەمچى بولۇشنىڭ «قانچىلىك ئاز كۆچمەن كەلسە، شۇنچىلىك كۆپ پۇل، قانچىلىك كۆپ كۆچمەن كەلسە، شۇنچىلىك ئاز پۇل بېرىش» پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر