ئىران پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۇقۇملاندى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 53 مىڭ 245 كە، يۇقۇملانغانلار 1 مىليون 16 مىڭ 793 كە چىقتى. يۇقۇملانغان 213 مىڭ 164 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلاندى.

1390479
ئىران پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3 مىڭ 294 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىراندا، پارلامېنت باشلىقى ئەلى لارىجانىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىران پارلامېنتىدا يۇقۇملانغانلار 23 كە چىقتى، لارىجانى كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى پەيدا بولغان خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 3 مىڭ 322 گە، يۇقۇملانغانلار 81 مىڭ 620 گە چىقتى. 76 مىڭ 571 بېمارنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلاندى.

جەنۇبىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 174 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان كىشىلەر 10 مىڭدىن ئاشتى.

شىمالىي كورېيەدە ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى سانى ئېلان قىلىنمىدى. بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالىغا قارشى تىببىي كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلار سانىنى 2 مىڭ 280 دەپ ئېلان قىلغان شىمالىي كورېيە «KCNA» ئاگېنتلىقى، بۇ ساننىڭ 500 گە چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 34 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىڭ 149 غا يەتتى. رۇسىيەدە 210 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تىببىي كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىراقتا بولسا،جېنىدىن ئايرىلغانلار 54 كە، يۇقۇملانغانلار 772 گە چىقتى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە كونترول قىلىۋاتقان رايونلاردا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 16 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئۆلۈم كۆرۈلگەن سۈرىيەدە، يۇقۇملانغانلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېئىر ئو.پېدېرسېن (Geir O. Pedersen) نىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ناجات روچدى (Najat Rochdi): «سۈرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ھېچقاچان بۇنچىلىك مۇھىم بولۇپ باقمىغان ئىدى» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

پېدېرسېننىڭ پۈتكۈل سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش» نى تەكرارلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن روچدى، بۇنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دەرتكە مۇپتىلا بولماسلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى يېڭىدىن 10 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە جەنئىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 171 قا چىققانلىقىنى بىلدۈردى. پەلەستىندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەتنىڭ ۋاقتى يەنە 30 كۈن ئۇزارتىلدى.

كۈۋەيتتە يېقىنقى 24 سائەتتە 75 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، بۇ سان 417 گە چىقتى.

ئىسىرائىلىيەدە 39 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار 7 مىڭ 30 غا چىقتى.

لىۋىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم كۆرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 58 گە چىققان مىسىردا، يۇقۇملانغانلار 865 كە چىقتى.

ماراكەشتە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 708 گە چىقتى.يېڭىدىن ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان 47 گە چىقتى. يېڭىدىن 27 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە بۇ سان 735 كە چىقتى.

ئۇمماندا 24 سائەتتە 21 كىشدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە يۇقۇملانغانلار سانى 252 گە چىقتى. 57 كىشىنىڭ سالامەتلىك ياخشىلاندى.

تۇنىستا يېقىنقى 24 سائەتتە 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 500 گە يېقىنلاشتى.

قاتاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچكە، ئىيوردانىيەدە بەشكە، سۇداندا سەككىزگە چىقتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يۇقۇملانغانلار 42 گە، بەھرەيندە 643 كە چىقتى.

ئىيوردانىيە يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى ئىبراھىم ئەششاھاھىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى «مەمۇرىي خاتالار» سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

توگودا يۇقۇملانغان 39 كىشىنىڭ ئىككىسى جېنىدىن ئايرىلدى، 17 بېمار دوختۇرخانىدىن چىقتى.

كامېروندا 284 كىشى يۇقۇملاندى. بۇلاردىن يەتتىسى جېنىدىن ئايرىلدى، 10 ى دوختۇرخانىدىن چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەممىدىن كېيىن كۆرۈلگەن برۇندىدا، ئىككى كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشى پاتپاراقچىلىققا سەۋەب بولدى. پايتەختتە يېمەك-ئىچمەك ۋە تازىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ كەتتى. خەلق بولسا، چەت جايلارغا كېتىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس بېكەتلىرىگە سەل بولۇپ ئاقتى.

قىرغىزىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم ئوتتۇرىغا چىقتى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار 130 غا چىقتى. ئۆزبېكستاندىن قىرغىزىستانغا مىڭ توننا ئۇن، 7 مىڭ قوغدىغۇچى كىيىم، 20 مىڭ جۇپ پەلەي ۋە 500 قوغدىغۇچى كۆزەينەك ئىئانە قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ قىرغىزىستانغا تېز دىياگنوز ئۈسكۈنىسى ئىئانە قىلدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ھازىرغىچە ۋىرۇس سەۋەبىدىن 53 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يۇقۇملانغانلارنىڭ 860 قا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستاندا 2020-يىلى 24-مارت سىرتقا چىقىش چەكلەنگەندىن كېيىن، ساياھەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن چەت ئەللىكلەر قاپسېلىپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر