تىۋىتتېر تۈركىيەگە قارشى ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان مىڭلارچە ئادرېسنى تاقىۋەتتى

ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىردىكى تۈركىيەنى ھۇجۇم ئوبيېكتى قىلغان 7891 قوللانغۇچى ئادرېسىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1390339
تىۋىتتېر تۈركىيەگە قارشى ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان مىڭلارچە ئادرېسنى تاقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۋىتتېر بايانات ئېلان قىلىپ، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشنىڭ تىۋىتتېر مۇنبىرى ئۈچۈن ئاساس ھېسابلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتتى ۋە دۆلەت ھىمايىسىدىكى ئۇچۇر بۇرمىلاش ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيە ۋە سېربىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان قوللانغۇچىلار ئادرېسلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا ئاساسلانغاندا, ئەلفاگېر ئىسىملىك مىسىر مەنبەلىك بىر تور، 2541 دانە ساختا ئادرېس يارىتىپ، تۈركىيە، قاتار ۋە ئىرانغا قارىتا ئەيىبلەش خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مەزكۇر تورنىڭ مىسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

تىۋىتتېر يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن چېتىشلىقى بولغان، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ يەمەندىكى پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلىگۈچى ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان 5350 ساختا ئادرېسنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ئەللەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مەزكۇر ساختا ئادرېسلار تورىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى ماختاپ ئۇچۇر تارقاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەگە قارشى ئۇچۇر تارقاتقان جەمئىي 7891 ھېساباتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان باياناتتا، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ھەرخىل سىياسىي غەرەزلەردە ئۇچۇرلارنى تارقاتقان سېربىيە، ھىندونېزىيە ۋە ھوندۇراس مەركەزلىك مىڭلارچە ئادرېسنىڭمۇ تاقىۋېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر