ئامېرىكادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4476 گە يەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4476 گە يەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 203 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1389891
ئامېرىكادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4476 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئىشتات بولغان نىيۇ يوركتا، يۇقۇملانغانلار سانى 12 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. نىيۇ يورك ۋە نىيۇ جېرسېي ئىشتاتلىرى ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ۋە يۇقۇملانغانلار سانى ئەڭ كۆپ مەركىزىي ئىشتاتلار بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. باشقا ئىشتاتلاردىمۇ ئۆلگەنلەر ۋە يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشى دىققەت قوزغىماقتا. كوننېكتىكات ئىشتاتىدا 6 ئايلىق بىر بوۋاقمۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە، ئىيۇن ئېيىغىچە ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى كۆپ كۆرۈلگەن رايونلارغا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىش توغرۇلۇق ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ۋە يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋىرۇسنىڭ قانچىلىك دەجىرىدە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاخىرقى بىر كۈن ئىچىدىكى رەقەملەرگە قاراپ بىلىۋېلىش مۇمكىن.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى ئىشلىتىلىش ئۈچۈن 100 مىڭ دانە جەسەت خالتىسى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوماندانلىق ئىشتابى، ئامېرىكا سۇ تەۋەلىكىدىكى بارلىق ساياھەت پاراخوتلىرىغا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنى پاراخوتتا داۋالاش ئۈچۈن تەييار ھالەتتە تۇرۇش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.  

ئىتالىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 727 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 13 مىڭ 155 كە يەتتى.

دۆلەت مىقياسىدا 10 – مارت كۈنى باشلانغان كەڭ دائىرىلىك كارانتىن قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتى 13 – ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلغانىدى.

فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلگەن 509 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 4032 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، فىرانسىيە ئۆلۈم سانىدا خىتاينى ئارقىدا قالدۇرغان بولدى. دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 52 مىڭغا يېقىنلاشتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 3.6 مىليون كىشى ئىشسىز قالدى. ئەمگەك ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرىئېل پېنىكادنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان 337 مىڭ شىركەت 3.6 مىليون خىزمەتچى – خادىمىنى ئىشتىن بوشاتقان، بۇنىڭ دۆلەتكە كەلتۈرگەن زىيىتى 11 مىليارد ياۋروغا يەتكەن بولۇپ، ئىشتىن بوشىتىلغانلار مائاشىنىڭ % 70 تىنى دۆلەتتىن «ئىشسىزلىق مائاشى» سۈپىتىدە ئالالايدىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 931 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 77981 گە يەتكەن گېرمانىيەدە، 22 – مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتى 19 – ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلدى. باش مىنىستىر  ئانگېلا مېركېل كېلەر ھەپتە پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ۋىرۇس بايرام تونىمايدۇ، شۇڭا خەلقىمىزگە بايرام مەزگىلىدە ساياھەت قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن» تەرىقىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

سېربىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 28 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1060 قا يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 1415 كە يەتكەن گىرېتسىيە ئۈچۈن، بىر گۇرۇپپا دوختۇر، ئاراللاردىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىنىڭ شارائىتىنىڭ قاتتىق ناچارلىقىنى، شۇڭا ئىنسانىي پالاكەت يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، بۇ لاگېرلارنى بوشىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

پايتەخت ئاتىنا ئەتراپىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرى 21 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى. كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «مۇساپىرلار لاگېرىدا قېلىۋاتقان 21 كۆچمەن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى. شۇڭا، لاگېر بۈگۈندىن باشلاپ  ئۇدا ئىككى ھەپتە كارانتىن ئاستىغا ئېلىنىدۇ.»

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى سىلوۋېنىيەدە 15 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 841 گە، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 13 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 457 گە يەتتى. سارايېۋو ئۇنۋېرسىتىتى كىلىنىكىلىق مەركىزىدە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان 3 دوختۇرمۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى.

بۇلغارىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 9 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 412 گە يەتتى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 123 كىشى يۇقۇملانغان قاراتاغدا، ھۆكۈمەت «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتىنىڭ 15 – ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باشقا بالقان رايونى دۆلەتلىرىدن ۋىرۇس سەۋەبىدىن رومېنىيەدە 86 كىشى ئۆلدى، 2460 كىشى يۇقۇملاندى، كوسوۋودا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. شىمالىي ماكېدونىيەدە 10 كىشى ئۆلدى، 354 كىشى يۇقۇملاندى، ئالبانىيەدە 13 كىشى قازا قىلدى، 259 كىشى يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر