ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى فىلىپپىن دېڭىزىدا مەشىق قىلدى

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ F35 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى فىلىپپىن دېڭىزى ئۈستىدە بومبا قاچىلانغان ھالەتتە مەشىق ئۆتكۈزدى.

1389815
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى فىلىپپىن دېڭىزىدا مەشىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھىندى - تېنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، لازېر نۇرلۇق «GBU-49» بومبىسى قاچىلانغان ئايروپىلانلارنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىغا قارمىقىدىكى «USS ئامېرىكا» ھۇجۇمچى پاراخوتىدىن قوزغالغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا، ئايروپىلانلارنىڭ سانى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىدى.

مەزكۇر مەشىقنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا فىلىپپىن دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا قاتناش ئەركىنلىكى تالاش- تارتىشى يۈز بەرگەن بىر پەيتكە توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتتى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، رايوندىكى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە قاتناش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر