ناتو يىغىنى مەۋھۇم دۇنيادا ئېچىلدى

ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى تۇنجى قېتىم مەۋھۇم دۇنيادا بىر يەرگە جەم بولدى.

1390184
ناتو يىغىنى مەۋھۇم دۇنيادا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتىنبېرگ ناتونىڭ 70 يىللىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋىدېئو كونفېرانس ئۇسۇلىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىخەتەر بولغان ئىنتېرنېت لېنيەسى ئارقىلىق 30 ئەزا دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىسقا سۆز قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) نىڭ ناتونىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ترانسئاتلانتىك ئائىلىمىز بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق دۈشمەنگە دۇچ كېلىپ باقمىغان ئىدى، بىراق ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، بۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى كۈنتەرتىپى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، تېررورىزم، ئافغانىستان، ئىراق تەلىم-تەربىيەسى، گىرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق ئوخشىمىغان مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتناشتى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر