ئىراندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ئىراننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1389159
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانىڭ مەركىزىنىڭ باياناتچىسى مۇجتەبا خالىدى، ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «22 – مارتتىن بۇيان يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە فارس ئۆلكىسىدە 11، ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىدە 3، قۇمدا 3، سىستان – بەلۇچىستاندا 2، بۇشەھىردە بىر ۋە ھۇزىستاندا بىر كىشى بولۇپ، جەمئىي 21 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 14 كىشى يارىلاندى. ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىدە يوقاپ كەتكەن بىر كىشىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.»
ئۇ، 30 – مارت يەكشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۇ ئاپىتىدە 18 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.