رۇسىيە ئامېرىكاغا ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى تىببىي ئەسلىھە ياردەم قىلدى

رۇسىيە ئامېرىكاغا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن داۋالاش ئەسلىھەلىرى يوللىدى.

1389371
رۇسىيە ئامېرىكاغا ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى تىببىي ئەسلىھە ياردەم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە ماسكا قاچىلانغان ئايروپىلاننىڭ موسكۋا رايونىدىكى چكالوۋىسكىي ھەربىي ئايرودورۇمىدىن ئامېرىكىغا ئۇچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كرېملىن سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ تۈنۈگۈنكى باياتىدا: «رۇسىيە ئامېرىكىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىشىغا  قارىتا تىببىي  ۋە قويدىغۇچى خاراكتېرلىق داۋالاش ئەسلىھەلىرى ياردىمى تەكلىپى سۇندى. ترامپ مىننەتدارلىق بىلەن قارشى ئالدى» دېگەن ئىدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 30-مارتتا تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر