گوللاندىيەدە دوختۇرلارغا «ئايەت» يېزىلغان پىلاكات بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى

گوللاندىيەدە، قۇرئان كەرىمدىن بىر ئايەت يېزىلغان پىلاكات ئارقىلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سەھىيە خادىملىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى.

1388971
گوللاندىيەدە دوختۇرلارغا «ئايەت» يېزىلغان پىلاكات بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتلىرىغا قاراشلىق ئامېرسفورت راھمان مەسچىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان سەھىيە خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بىر پىلاكات تەييارلىدى.

مېئاندېر دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىگە ئېسىلغان ئىنگلىز ۋە گوللاندىيە تىللىرىدىكى پىلاكاتقا «كىمكى بىر جاننى قۇتقۇزۇپ قالسا، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولىدۇ» دېگەن ئايەت يېزىلدى.

پىلاكاتتا يەنە، «سەھىيە خادىملىرىغا رەھمەت» دېگەن ئىبارە يېزىلدى.

راھمان مەسچىتىنىڭ رەئىسى رامازان يىلدىز، پىلاكاتقا لوگو ۋە ئىسىم يازمىغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلىپ، «مەقسىتىمىز بىزنىڭ ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئېلىشىدۇر. بىز بۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر