ياپونىيەگە كىرىش چەكلىمىسى قويۇلغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى كېڭەيتىلدى

ياپونىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (kovid-19) يۇقۇمىغا قارشى تەدبىرلەر دائىرىسىدە، ئامېرىكا، خىتاي، كورېيە ۋە ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1388453
ياپونىيەگە كىرىش چەكلىمىسى قويۇلغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى كېڭەيتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياپونىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موتېگى توشىمىتسۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ياپونىيەگە كىرىش چەكلىمىسى قويۇلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

مىنىستىر موتېگى ئامېرىكا، خىتاي، كورېيە ۋە ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكەن 14 كۈن ئىچىدە ساياھەتتە بولغان پۈتۈن يولۇچىلارنىڭ ياپونىيەگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ دائىرىدە ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ئەنگىلىيە، گىرېتسىيە ۋە تېنچ ئوكياندىن كورېيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىزىملىك ​​جەمئىي 73 دۆلەتكە كېڭەيتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تەدبىر دائىرىسىدە ساياھەت قىلماسلىق چاقىرىقى ئېلان قىلىنغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنىڭمۇ كېڭەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا، خىتاي ۋە كورېيە قاتارلىق 50 كە يېقىن دۆلەتكە ساياھەتكە بارماسلىقى لازىملىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر