ترامپ بىلەن كونتې ۋۇخەن ۋىرۇسىنى سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19 ) نىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بىرى ئىتالىيەنىڭ باش مىنىستىرى كونتې بىلەن تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

1388206
ترامپ بىلەن كونتې ۋۇخەن ۋىرۇسىنى سۆھبەتلەشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاقسارايدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سۆھبەتتە ئىككى رەھبەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «پىرېزىدېنت ترامپ ئىتالىيەدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن كونتېغا تەزىيە بىلدۈردى» دېيىلدى.

ئامېرىكا ئىتالىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىسى تەكىتلەندى.

ترامپ تېلېفون سۆھبىتىدە،  ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ كېرەكلىك تىببىي ياردەمگە ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئىتالىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

باياناتتا، تىرامپ بىلەن كونتېنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن G-7 ۋە G-20 قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يىقىن ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا دائىر پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر