ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار كەركۈكتىكى K1 ھەربىي بازىسىدىن چېكىندى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى K1 ھەربىي بازىسىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار چېكىندى.

1387441
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار كەركۈكتىكى K1 ھەربىي بازىسىدىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانى لېيتىنانت گېنېرال سەئد ھەربىيە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ كەركۈركتىكى K1 ھەربىي بازىسىدىن چېكىنىپ، بازىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىراق ئارمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەئد ھەربىيە، شەھەرنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىتتىپاقداش قىسىملارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مەشىق ساھەسىدە ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەربىيە، ھەربىي، مەمۇرىي ۋە ئارقا سەپ لازىمەتلىكلىرىنىڭمۇ ئىراق قىسىملىرى تەرىپىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراقتا ئامېرىكاغا قاراشلىق 9 ھەربىي بازا بار؛ تاجى ۋە قائىم ھەربىي بازىلىرى يېقىنقى ئايلاردا ئارقا - ئارقىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر