ترامپ: 5 مىنۇتتا ۋۇخەن ۋىرۇسى سىنىقى ئېلىپ بارالايدىغان ئۈسكۈنە كېلەر ھەپتە ئىشلىتىلىدۇ

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 5 مىنۇتتا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) سىنىقى ئېلىپ بارالايدىغان ئۈسكۈنىنىڭ كېلەر ھەپتە پۈتكۈل مەملىكەتتە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1387666
ترامپ: 5 مىنۇتتا ۋۇخەن ۋىرۇسى سىنىقى ئېلىپ بارالايدىغان ئۈسكۈنە كېلەر ھەپتە ئىشلىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر ئۈستىدە توختالدى.

ترامپ 5 مىنۇتتا نەتىجە كۆرسىتىدىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نى سىناق قىلىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسى (FDA) تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى ۋە بۇ سىناق ئۈسكۈنىسىنىڭ كېلەر ھەپتە پۈتكۈل مەملىكەتتە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ ساقايغان كىشىلەردىن قان پلازمىسى ئەۋرىشكىسى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ پىلازمىلاردا ۋىرۇسقا قارشى تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە يېڭى ۋاكسېنا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دونالد ترامپ تېز سىناق قىلىش ئۈسكۈنىسىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ ئارقىلىق مىڭلىغان ئادەمنى تەكشۈرگىلى ۋە ۋىرۇسنى توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ يەنە، بەزگەككە ئىشلىتىلىدىغان گىدروكىخلوروئىن ۋە ئازوترومىيسىن  ناملىق دورىنىڭ نىيو يوركتا 1100 ئادەمدە سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر