سوچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى: ئۆتۈنۈپ قالاي سوچىغا كەلمەڭلار...

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بىر ھەپتىلىك رۇخسەت بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن رۇسلار ساياھەت رايونلىرىغا قاراپ سەل بولۇپ ئاقتى.

1387641
سوچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى: ئۆتۈنۈپ قالاي سوچىغا كەلمەڭلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بىر ھەپتىلىك رۇخسەت بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، سوچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى، رۇسلارنىڭ ساياھەت شەھىرى سوچىغا كېلىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، خەلقنى سوچىغا كەلمەسلىككە چاقىردى.

پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان كوۋىد – 19 ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىر ھەپتىلىك تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، جۈمە كۈنى كەچتە موسكۋاغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردىن يولغا چىققان رسلار يا يۇرتلىرىغا ياكى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ساياھەت شەھەرلىرىگە قاراپ ھەرىكەت قىلدى.

كراسنودار رايونىغا قاراشلىق سوچى شەھىرىنىڭ قىش مەزگىلىدە ئاساسەن شالاڭشىپ قالىدىغان كوچا – كوي ۋە مېھمانخانىلىرى تولۇپ تاشتى.

بۇ ئەھۋالدىن نارازى بولغان سوچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئالېكسېي كوپايگورودىسكى خەلقكە چاقىرىپ قىلىپ، «ئۈتۈنۈپ قالاي، ھەم بىزنىڭ، ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا بىر ھەپتە سوچىدىن يىراق تۇرۇڭلار. بۇ تەتىل قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس» دېدى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر