ترامپ جونسۇنغا شىپالىق تىلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا تېلېفون قىلىپ، شىپالىق تىلىدى.

1386654
ترامپ جونسۇنغا شىپالىق تىلىدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ترامپ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا تېلېفون قىلىپ، سەمىمىي دوستلۇقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان، ھەمدە شىپالىق تىلىگەن. ئىككى رەھبەر،  7– گ گۇرۇھى ۋە 20 – گ گۇرۇھى، ھەمدە باشقا خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. ترامپ بىلەن جونسون ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ۋىرۇس ئۆتكىلىدىن ئىلگىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ قۇدرەت تاپقان ھالدا ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىغان.

جونسون، تۈنۈگۈن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنى كارانتىنا ئاستىغا ئالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر