شىمالىي ماكېدونىيە ناتوغا ئەزا بولدى

شىمالىي ماكېدونىيە بارلىق رەسمىي باسقۇچلارنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى.

1386715
شىمالىي ماكېدونىيە ناتوغا ئەزا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «شىمالىي ماكېدونىيە بارلىق رەسمىي باسقۇچلارنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 30 – ئەزاسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ناتو بىر مىليارد نوپۇسلۇق چوڭ بىر ئائىلىگە، باشقىچە ئېيتقاندا، قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغان تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بىر ئائىلىگە ئايلاندى. شىمالىي ماكېدونىيە ئۇزۇندىن بۇيان ياۋرو – ئاتلانتىك بىخەتەرلىكىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يەنە ئافغانىستان ۋە كوسوۋودىكى ناتو ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانىدى.»

ئىگىلىنىشىچە، ناتو قارارگاھىدا 30 – مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ بايرىقى چىقىرىلىدىكەن. ناتو بىلەن شىمالىي ماكېدونىيە ئوتتۇرىسىدا 2019 – يىلى 6 – فېۋرال كۈنى ئەزالىق كېلىشىمى ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر