گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەدە بۇلتۇر كۆچمەنلەر ۋە  كۆچمەنلەر لاگېرلىرى 1748 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1386713
گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سول پارتىيەنىڭ سوئال تەكلىپىگە بەرگەن جاۋابىدا، 2019 – يىلى كۆچمەنلەر 1620 قېتىم، كۆچمەنلەر لاگېرلىرى 128 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، 260 قېتىم ئوت قويۇپ بېرىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، پارتلاتقۇچ ۋە قورال ئىشلىتىلگەن ھۇجۇملاردا 229 كىشى يارىلانغان.

گېرمانىيەدە 2018 – يىلى كۆچمەنلەر 1775 قېتىم، كۆچمەنلەر لاگېرلىرى 173 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر