ترامپ بىلەن ماكرون يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون تېلېفونلاشتى.

1386312
ترامپ بىلەن ماكرون يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئاقساراي بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دونالد ترامپ بىلەن ئېمانۇئېل ماكروننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى ۋە ۋىرۇسنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا تېز سۈرئەتتە خاتىمە بېرىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش يولىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن 7 دۆلەت گۇرۇھى، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى (خىتاي، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا) ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دونالد ترامپ بىلەن ئېمانۇئېل ماكروننىڭ ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مۇھىم تېمىلار ئۈستىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر