شەرق دۇنياسىدىكى ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دۇنيادا تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا. ۋىرۇس سەۋەبىدىن دۇنيادا 22 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1386006
شەرق دۇنياسىدىكى ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىققان خىتايدا، چەت ئەللەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن چەت ئەللىكلەرگە «ۋاقىتلىق كىرىش چەكلىمىسى» قويۇلدى. خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 3287 ئۆلۈم، 81 مىڭ 285 يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 104 كىشى يۇقۇملانغان ئەزەربەيجاندا، بەزى مەھبۇسلارنى جازا مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىش باشلاندى. ئەزەربەيجان ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 200 مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىسىرائىلىيەدە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 693 كە چىقتى. 46 بېمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، 70 بېمارنىڭ ياىشىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەززە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن جىددىي 23 مىليون دوللار ياردەم قىلىشنى چاقىرىق قىلدى. مەسئۇل دائىرىلەر يەنە، ب د ت دىن «سەھىيە ساھەسىدىكى جىددىي ئېھتىياجلارنى قامداش ۋە غەززەدىكى قورشاۋنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش» نى تەلەپ قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان رۇسىيەدە، مىنىستىرلار كېڭىشى دۆلەت مىقياسىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۇماغا سۇندى.

رۇسىيە مائارىپ ۋە بىلىم مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2020-يىلى 28-مارتتىن 5-ئاپرېلغىچە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ جەرياندا، كارانتىن بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 500 كىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 149 كىشى يۇقۇملانغان مولداۋىيەدە، مەكتەپلەر 2020-يىلى 15-مايغىچە تاقالدى.

ئۇكرائىنادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 156 كىشى يۇقۇملاندى.

گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملانغانلار ئىككى كىشى ئېشىپ 79 غا چىققان.

ئۆزبېكستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم كۆرۈلدى. يۇقۇملانغانلار 18 كىشى ئېشىپ 83 كە يەتتى.  

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئالتىگە چىققان لىۋاندا، 05:00 تىن 19:00 غىچە بولغان ۋاقىتلاردا سىرتقا چىقىش چەكلەندى. 29-مارت ئاخىرلىشىشى پىلان قىلىنغان سەپەرۋەرلىك 2020-يىلى 12-ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلدى.

قاتاردا يېڭىدىن 12 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى ۋە بۇ سان 549 غا چىقتى. ئەتە (2020-يىلى 28-مارت) دىن باشلاپ قەھۋەخانا، تەنتەربىيە مەركەزلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىيوردانىيەدە يېڭىدىن 40 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 212 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان تۇنىستا، يۇقۇملانغانلار 200 گە يەتتى.

ئالجىرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 25 كە چىقتى، يۇقۇملانغانلار 367 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، يۇقۇملانغانلار 90 دىن ئاشقان ئافغانىستاندا، ھېرات، فاراھ ۋە نىمرۇز قاتارلىق ۋىلايەتلەردە سىرتقا چىقىش چەكلەندى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن 10 مىڭ مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قارار قىلدى.

باڭلادېشتا تەخمىنەن 1 مىليون ئاراكانلىق مۇسۇلمان ياشايدىغان 34 لاگېر كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 152 كىشى يۇقۇملانغان بۇركىنا فاسودا، پايتەختنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز شەھەر كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى.

ھىندونېزىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 78 گە، يۇقۇملانغانلار 893 كە يەتتى. كارانتىن بەلگىلىمىسىگە بويسۇنمىغانلارغا بىر يىل قاماق جازاسى بېرىش ئېلامن قىلىندى.

كېنىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم كۆرۈلدى. بېمارنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىن كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ۋەقە كۆرۈلگەن جەنۇبىي ئافرىقادا، تۇنجى ئۆلۈملەر كۆرۈلدى. ئىككى بېمار جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر