دۇنيادا يۇقۇملانغانلار 500 مىڭغا يەتتى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دۇنيا مىقياسىدا 22 مىڭ جانغا زامىن بولدى، 533 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى.

1385960
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار 500 مىڭغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 712 كىشى ئېشىپ 8 مىڭ 215 كە يەتتى. يۇقۇملانغانلار 62 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋە يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن شىمالدىكى لومباردىيا (Lombardiya) رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئاتتىلو فونتانا (Attilio Fontana): «ياۋروپا پەقەتلا ئىتالىيەدىكى يۇقۇملىنىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدى، بەلكى باشتىن تارتىپ بۇ يۇقۇملىنىشنى نەزەرگە ئىلمىدى» دېدى.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭ 89 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 56 مىڭ 188 گە چىقتى. 2020-يىلى 29-مارت ئاخىرلىشىدىغان جىددىي ھالەت 2020-يىلى 11-ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 365 كىشى ئېشىپ 1696 گە يەتتى. بۇ جەرياندا، ساقچى ئۇيۇشمىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىققانلارنى تەكشۈرىدىغان ساقچىلارغا ماسكا يېتىشمەيۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 434 كە يەتكەن گوللاندىيەدە، يۇقۇملانغانلار 7 مىڭ 431 گە چىقتى. مەسئۇل دائىرىلەر، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھەممە كىشىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن توغرا ساننىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاۋستىرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 52 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 7 مىڭ 40 قا؛ پولشادا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 16 گە، يۇقۇملانغانلار 1244 كە؛ چېخىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار توققۇزغا، يۇقۇملانغانلار 2062 گە؛ ۋېنگرىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار 10غا، يۇقۇملانغانلار 300 گە؛ كىرودىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچكە، يۇقۇملانغنلار 551 گە؛ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچكە، يۇقۇملانغانلار 230 غا؛ سېربىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار يەتتىگە، يۇقۇملانغانلار 457 گە؛ ئالبانىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سەككىزگە، يۇقۇملانغانلار 186 گە؛ سىلوۋېنىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئالتىگە، يۇقۇملانغانلار 632 گە؛ شىمالىي ماكېدونىيەدە يۇقۇملانغانلار 201 گە؛ كوسوۋۇدا جېنىدىن ئايرىلغانلار 86 گە يەتتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە يۇقۇملانغانلار 61 گە چىقتى. كارپازدىكى 15 يېزىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن شۇ يەر ۋاقتى بۈگۈن (2020-يىلى 27-مارت) 14:00 دىن باشلاپ سىرتقا چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلىندى.  

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 113 كىشى ئېشىپ 578 گە، يۇقۇملانغانلار 2 مىڭ 219 كىشى ئېشىپ 11 مىڭ 658 گە يەتتى. ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، ساقچىلارغا يېڭى ھوقۇقلارنى بەردى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ساقچىلار زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئۆيدىن سىرتقا چىققانلارنى قولغا ئالالايدىكەن ياكى جەرىمانە قويالايدىكەن.

ئەنگلىيە سەھىيە ۋەزىرى مات خانكوكنىڭمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1301 گە، يۇقۇملانغانلار 86 مىڭ 12 گە چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا يۇقۇملانغانلار سانى جەھەتتە، خىتاي ۋە ئىتالىيەدىن كەينىدە قالدۇرۇپ بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. نىيۇ يوركتىلا بىر كۈندە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 6 مىڭ 107 گە يەتتى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدىمۇ يۇقۇملانغان ئەسكەرلەردە ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «كومفورت» (Comfort) ناملىق دوختۇرخانا پاراخوتىنىڭ دۈشەنبە (30-مارت) كۈنى نىيۇ يورك پورتىغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇخەن سەۋەبىدىن سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان مېكسىكادا، يۇقۇملانغانلار سانى 585 كە يەتتى. مېكسىكانىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىكى چىخۇاخۇا ئىشتاتىدا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان كۆچمەنلەر، ئىككى ھەپتە كارانتىن قىلىنىدۇ.

ۋېنېزۇئېلادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۇنجى قېتىم بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار 107 گە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر