ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالبانىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيە بىلەن ئەزالىق سۆھبەتلىرىنى باشلاشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئالبانىيە بىلەن شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئەزالىق سۆھبەتلىرىنى باشلىشى توغرىسىدىكى رەسمىي قارارىنى ئېلان قىلدى.

1385367
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالبانىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيە بىلەن ئەزالىق سۆھبەتلىرىنى باشلاشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھاتلىرىنى يولغا قويۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى شىمالىي ماكېدونىيە بىلەن ئەزالىق سۆھبىتىنى باشلاشنى قارار قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، ئالبانىيەنىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھات پىلانىنى يولغا قويۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنىپ، كېڭەشنىڭ ئالبانىيە بىلەن ئەزالىق سۆھبىتىنى باشلاشنى بىردەك قارار قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر