تالىبان ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي ئورۇنغا ھۇجۇم قىلدى
تالىبان ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي ئورۇنغا ھۇجۇم قىلدى
1385478

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايەتلىك شۇراسى (كېڭىشى)نىڭ باشلىقى مۇھەممەد يۇسۇف ئەييۇبى، تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ ئىمام ساھىپ ناھىيەسىدىكى ھەربىي پونكىتقا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا 5 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3 ىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 6 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ تالىبانغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالىبان ھازىرغىچە ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىدى.