رۇسىيەنىڭ سۇ-27 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

رۇسىيەنىڭ سۇ-27 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى قارا دېڭىزدا چۈشۈپ كەتتى

1385373
رۇسىيەنىڭ سۇ-27 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، قارا دېڭىزنىڭ قىرىم دېڭىز ساھىلىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىدە سۇ-27 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئەسناسىدا راداردىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن جىددىي ئەھۋال سىگنالى تاپشۇرپ ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جەنۇبىي ھەربىي رايوندىن ئەترەتلەرنىڭ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، «دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئۇچقۇچىنى ئىزدەش خىزمەتلىرى قىيىنغا توختىماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر