فىرانسىيە ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى

فرانسىيەنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېش تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1385303
فىرانسىيە ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ  بىلدۈرۈشىچە، ئىراقتىكى نامايىشلار سەۋەبىدىن 29 – نويابىر (2019) دا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن باش مىنىستىر ۋە باش قوماندان ئادىل ئابدۇلمەھەدىنىڭ ھەربىي باياناتچىسى ئابدۇلكەرىم خەلەف، ھۆكۈمەت بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش قىسىملار سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتچى خەلەف، فەرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرادىن چېكىنىش سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

چېخىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كوۋىد – 19 يۇقۇمى خەۋىپى ۋە ئىتتىپاقداش قىسىملارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار كۆپىيىپ قالغاندىن كېيىن، ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر