ئاسىيا ئەللىرى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان يۇقۇمغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تاتيانا گولىكوۋا، رۇسىيەدە يېڭىدىن 163 ئادەمدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) نىڭ بايقالغانلىقىنى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 658 كە كۆپەيگەنلىكىنى بايان قىلدى.

1384972
ئاسىيا ئەللىرى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان يۇقۇمغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەۋەلىكىدە بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغۇچىلارغا 12 مىڭ 300 دوللار ئىقتىسادىي جازا ياكى 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن قايتىپ كېلىشى ئەتە ئاخىرلىشىدۇ.

ئىراقتا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېڭىدىن 4 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 28 گە يەتتى. ئىراقتا 75 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 316 كە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ھازىرغىچە بىر ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغان غەززەدىكى فوندى ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە رايوندىكى بارلىق مەسچىتلەرنى 2 ھەپتە تاقاشنى قارار قىلدى. سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرە مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ 13 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى مۇھاسىرىسى سەۋەبىدىن، تەجرىبىخانىلاردىكى ئۈسكىنىلەرنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن سىرت، مۇھىم دورىلارنىڭ %39ىنىڭ، تېببىي لازىمەتلىكلەرنىڭ %23ىنىڭ، قان زاپىسىنىڭ %60 يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قۇدرە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايوندىكى سەھىيە ۋە ئىنسانىي مېخانىزملارنى سىستېمىلىق ھالدا ئاجىزلاشتۇرۇشى، غەززەنى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا  تاقابىل تۇرۇشتىكى خەتەرلىك ئۆتكەلگە ئېلىپ بارغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى. ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلىرىنى «غەززەدىكى قامالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، دورا، تېببىي لازىمەتلىكلەر، تەجرىبىخانا سايمانلىرى»غا ئوخشاش جىددىي ئېھتىياجنى قامداشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيەدە يۇقۇمدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5 كە  كۆپەيدى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، خۇسۇسىي ئاپتوموبىللاردا ئىككىدىن ۋە تاكسىلاردا شوپۇردىن باشقا بىردىن كۆپ ئادەمنىڭ ئولتۇرماسلىقى قارار قىلىندى. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئۆي ۋە دورىخانىلارغا بېرىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆيىدىن 100 مېتىر يىراقلىققىچە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا بۈگۈن كەچكىچە ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئىبادەتخانىلارنى تاقاش قارار قىلىندى.

ئافغانىستاندا كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 80 گە، قازا قىلغانلار سانى 2 گە يەتتى. ئىگىلىنىشچە، ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ناتو سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 4 چەت ئەللىك ئەسكەردە ۋىرۇس بايقالغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ ئىتالىيەلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھېرات ۋالىيسى ئابدۇلقەييۇم راھىمى بولسا، بۈگۈندىن باشلاپ ۋىلايەت مىقياسىدا سىرتقا چىقىشنى چەكلەش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يېڭىدىن 50 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغانلىقى، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 248 گە يەتكەنلىكى، 45 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قاتاردا يېڭىدىن 25 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقى، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 526 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىيوردانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، يېڭىدىن 26 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 153 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 19غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 402 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان مىسىر ھۆكۈمىتى، شۇ يەر ۋاقتى 19:00 دىن 06:00 گىچە قىسمەن كوچىغا چىقىشنى چەكلەش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ماراكەشتە ۋۇخەن ۋىرۇسى  سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 5 كە ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 170 كە يەتتى.

لىۋىيە مەملىكەتلىك كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش مەركىزى فېيسبۇك بېتىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بىر كىشىدە كوۋىد – 19 ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى، بۇنىڭ لىۋىيەدە كۆرۈلگەن تۇنجى يۇقۇم ئەھۋالى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھىندىستاندا، كوۋىد - 19 ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە 21 كۈنلۈك ئۆيدىن چىقىشنى چەكلەش تۈزۈمىنى يولغا قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا رىياد، مەككە ۋە مەدىنەنىڭ كارانتىن قىلىنىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، نۆۋەتچى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان پەۋقۇلئاددە «مۇھىم تېلېۋزىيە يىغىنى» ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە ئېلان قىلغان «كۈندىلىك پائالىيەتنى چەكلەش» بەلگىلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى 14-ئاپرېلغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. مالايشىيادا ھازىرغىچە 1796 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالدى، 17 ئادەم قازا قىلدى.

فىلىپپىندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 38 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 636 گە يەتتى. يەنە فىلىپپىندىكى كوممۇنىست پارتىزانلارم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ كوۋىد - 19 يۇقۇمى ئەسناسىدا پۈتكۈل دۇنيادىكى قوراللىق توقۇنۇشلارنى توختىتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

4 ئادەم قازا قىلغان، 39 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغان باڭلادېشتا، 26 - مارتتىن 4 - ئاپرېلغىچە تاش يوللاردىكى بارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىتىلدى.

نىگېرىيە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، چېگرا بويلىرىدىكى بارلىق تاموژنا ئېغىزلىرىنى 4 ھەپتىلىك تاقىۋەتتى.

پىل چىقشى قىرغىقىدا تۈنۈگۈن كەچ شۇ يەر ۋاقتى 21:00 دىن 05:00 كىچە كوچىغا چىقىش مەنئى قىلىندى.

ئافرىقىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2412 گە، قازا قىلغانلار سانى 64 كە يەتتى.

گەرچە سېررالېئون تەۋەلىكىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالمىغان بولۇشىغا قارىماي، 12 ئايلىق «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلدى.

مالى ۋە گىۋىنىيە بىسساۋدا بىردىن ئادەمدە تۇنجى ۋىرۇس بايقالدى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر