ئىراندا دىتىرگېنت ۋە دېزىنفېكسىيە ئارىلاشمىسى كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

ئىراندا دىتىرگېنت ۋە دېزىنفېكسىيە ئارىلاشمىسىنى ئۈستى يېپىق جايلاردا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن زەھەرلىنىپ 3 ئادەم قازا قىلدى.

1384610
ئىراندا دىتىرگېنت ۋە دېزىنفېكسىيە ئارىلاشمىسى كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھرىقۇرد تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مەجىد شىرانى ئىران ئوقۇغۇچىلار ئاخبارات ئاگېنتلىقى «ISNA » غا بەرگەن  باياناتىدا، يېقىنقى كۈنلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر دائىرىسىدە، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ماددىلارنىڭ بىرى بولغان دىتىرگېنت ۋە دېزىنفېكسىيە ئارىلاشمىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدى بۇنى ئۈستى يېپىق جايلاردا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن زەھەرلىنىپ، چاھار مەھەل بەختىيارى ئۆلكىسىدە 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەجىد شىرانى چاھار مەھەل بەختىيارى ئۆلكىسىدە تازىلاش مەھسۇلاتلىرىدىن كېلىپ چىققان ئۆپكە زەھەرلىنىش نىسبىتىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراندا، «ساختا ھاراق ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19) غا پايدىلىق» دېگەن سۆز چۆچەك تارقاپ، ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن زەھەرلەنگەنلەرنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە ئۆلگەنلرنىڭ سانى 219 غا يەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر