ئامېرىكا: خىتاي «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى يوشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلىپى بىلەن قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى.

1384761
ئامېرىكا: خىتاي «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى جوش ھاۋلېي بىلەن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پاتالاسى ۋەكىلى ئېلىس ستېفانىك تەرىپىدىن سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسىدە، خىتاينىڭ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارىتا «يېتەرسىز ۋە گۇمانىي پوزىتسىيەسى» مۇ تەنقىد قىلىندى.

«خىتاينىڭ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نى يوشۇرۇشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيانلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى» تەلەپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىدە، ۋىرۇس سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلارغا خىتاينىڭ تۆلەم  تۆلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىر مىخانىزىمنىڭ قۇرۇلۇشى چاقىرىق قىلىندى.

ھاۋلېي، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە دەسلەپكى كۈندىن تارتىپلا دۇنياغا قەستەن يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە دېكابىردىن باشلاپلا خەۋىرى بار ئىدى، لېكىن تەجرىبىخانلارغا ئۆرنەكلەرنى يوقىتىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردى، ھەمدە دوختۇرلارنى سۈكۈت قىلىشقا زورلىدى.»

ستېفانىك مۇنداق دېدى: «دۇنيا تارتقان زىياندىن خىتاي جاۋابكاردۇر. دەرۋەقە، خىتاينىڭ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە ئەجەللىك تەسىرلىرىنى  ئومۇميۈزلۈك يوشۇرۇش قارارى يۈزلەرچە ئامېرىكالىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.  ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،  بۇ قانۇن لايىھەسى <ۋۇخەن ۋىرۇسى> دىن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش چاقىرىقىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر