ئافغانىستاندا سىخلارنىڭ  ئىبادەتخانىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا سىخلارنىڭ  ئىبادەتخانىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1384625
ئافغانىستاندا سىخلارنىڭ  ئىبادەتخانىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تارىق ئاريەن ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، كابۇلنىڭ شور بازار رايونىدىكى سىخلارغا تەۋە ئىبادەتخانىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئاريەن، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ 4 كىشى ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەنلىكىنى بىلدۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىبادەتخانىدا مۇراسىم ئۈچۈن كەلگەن تەخمىنەن 150 ئادەم بار ئىكەن.

ھازىرچە ھېچكىشى ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر