«ۋۇخەن ۋىرۇسى» كەم دېگەندە 17 كۈن ياشىيالايدۇ
يەر يۈزىدە 3 كۈن ياشايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ بۇنىڭدىن 5 ھەسسە ئۇزۇن ياشىيالايدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
1384960
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يەر يۈزىدە ئىلگىرى جاكارلانغىنىغىنمۇ ئۇزۇن ياشىيالايدىكەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ياپونىيە ۋە كالىفورنىيەدىكى يولۇچىلار پاراخوتلىرىكى يولۇچىلار تارقاقلاشتۇرۇلۇپ 17 كۈن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ كابىنكىدا ۋىرۇسنىڭ ئىزلىرى بايقالغان.
دوكلاتقا قارىغاندا، مۇتەخەسسىسلەر ياپونىيەدىكى « Diamond Princess » ۋە كالىفورنىيەدىكى « Grand Princess » ناملىق يولۇچىلار پاراخوتلىرىدا، يولۇچىلار تارقاقلاشتۇرۇلۇپ 17 كۈن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئىزلىرىنى بايقىغان.