تالىبان پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاننىڭ كاپىسا ۋىلايىتى ئەلا ساي ناھىيەسىدە تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاتقان مېنامىيوت ئوقىنىڭ بىر ئاپتوموبىلغا تېگىشى نەتىجىسىدە، بىر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1385018
تالىبان پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاپىسا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى شائىك شۇرىش ئەلا ساي ناھىيەسىدە تالىبان ئاتقان مېنامىيوت ئوقىنىڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئاپتوموبىلغا تەگكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇجۇمدا، ئۈچ پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، ئىككى كىچىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ھۇجمدىن كېيىن، رايونغا يېتىپ بارغان ساقچىلارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تالىبان تېخىچە ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر