مايك پومپېيو خىتاي بىلەن ئىراننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ۋە ئىراننىڭ (Kovid-19) ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

1385048
مايك پومپېيو خىتاي بىلەن ئىراننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Newsweek» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك پومپېيو تونىي پېركىنسنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى بىر رادىيو پىروگراممىسىدا، خىتاي ۋە ئىران ئەمەلدارلىرىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىش ۋە مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

پومپېيو خىتاي ۋە ئىراندا خەلقنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا  بولۇش ۋە ياخشى باشقۇرۇشنىڭ كەمچىلىكى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە ھامان بىر كۈنى رەھبەرلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

پومپېيو رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ بۇ مەسىلىدە خاتا مەلۇمات تارقىتىش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلار بۇ ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن كەلگەنلىكىنى، بەلكىم ئىتالىيەدە پەيدا بولغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرىشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتتىن قېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

پومپېيو خىتاينىڭ يۇقۇملۇق ئاپەتنىڭ ئۈستىنى يۆگەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى بۇنداق ئىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئۇچۇرلاردىن دۇنيانى مەھرۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە ئىران بىلەن بولغان ئەسلىدىنلا يىرىك مۇناسىۋەتلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى  يۇقۇملۇق ئاپىتى سەۋەبىدىن بولۇشىغا ناچارلاشقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ كېسەلنى «خىتاي ۋىرۇسى» ياكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشىغا قارىتا خىتاي قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا پالاتاسىغىمۇ ۋۇخەندە ئوتتۇرىغا چىققان يۇقۇملۇق ئاپەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوشۇرغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  قانۇن تەكلىپى لايىھەسى سۇنۇلغان ئىدى.

خىتاي ئامېرىكاغا «ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلىمەسلىك ۋە يۇقۇملۇق ئاپەتنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق» چاقىرىقىدا بولغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئامېرىكانى «باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن قۇربانلىققا ئۆچكە ئىزدەش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىمىنىڭ قوماندانى ھۈسەيىن سەلامىمۇ يۇقۇملۇق ئاپەتنىڭ ئامېرىكانىڭ بىئولوگىيەلىك ھۇجۇمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر