كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدا 7.5 بال يەر تەۋرىدى

روسىيەنىڭ يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونىغا جايلاشقان كۇرىل ئارىلىدا 7.5 بال يەر تەۋرىدى.

1384798
كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدا 7.5 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقات ئورگىنى كۇرىل تاقىم ئاراللىرى تەۋەلىكىدىكى سېۋېرو رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 213 كىلومىتىر كېلىدىغان جايدا مەيدانغا كەلگەن 7.5 بال يەر تەۋرەشنىڭ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ يەرنىڭ 56.7 كىلومىتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنى مەركىزى، سېۋېرو، ساخالىن ۋە ئامېرىكانىڭ ھاۋاي ئارىلى ئۈچۈن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.

روسىيە جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، يەر تەۋرەشتىن كېيىن زۆرۈر خىزمەتلەرنىڭ تەشكىللىك شەكىلدە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە «دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، (يەر تەۋرەشتە) قازا قىلغانلار، يارىلانغانلار، تالاپەتكە ئۇچرىغان جايلار يوق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالى نەزەردە تۇتۇلۇپ، 400 ئەتراپىدا ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا يەنە، «سېۋېرو-كۇرىلسكتا يەر تەۋرەشتىن كېيىن ھاسىل بولغان دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولدى. دېڭىز تاشقىنى خەۋىپى داۋاملاشماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر