ئىران كوۋىد-19 دىن يۇقۇملانغان 6 ياشلىق بىر بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 16500 دىن ئاشتى.

1383871
ئىران كوۋىد-19 دىن يۇقۇملانغان 6 ياشلىق بىر بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1812 گە يەتكەن ئىراندا، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 23049 غا كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىران دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىڭ ئوغلى مەيسەمنىڭ قېينانىسى سەييىدە ئىززەت خامۇشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. تېھران دائىرىلىرى، كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغان 6 ياشلىق بىر بالىنىڭمۇ قازا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئىراقتا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 24 كە يەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ۋىرۇس كرىزىسى تورى، كوچىغا چىقىشنى چەكلەش ۋاقتىنى 29-مارتقىچە ئۇزارتقانىدى. نۆۋەتتە ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سەھىيە ئورۇنلىرىدىن باشقا رەسمىي ئورگانلىرىمۇ دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىلدى.

جەنۇبىي كورېيەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 111 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 8961 گە يەتكەنلىكى، 93 ياشلىق بىر بىمارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك جازا مۇددىتىنىڭ يېرىمىنى تاماملىغان مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى. پەلەستىننىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىككى نەپىرى غەززەدە بولۇپ، پەلەستىن مىقياسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى 59 غا يەتكەن.

ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، كوۋىد – 19 ۋىرۇسى بايقالغانلار سانىنىڭ 29 ىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ 442 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يۇقۇملانغۇچىلار سانى مولداۋىيەدە 109، ئەزەربەيجاندا 61، قىرغىزىستاندا 16، ئۇكرائىنادا 73، ئەرمېنىيەدە 194، گىرۇزىيەدە 61 گە يەتتى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا، سەھىيە مىنىستىرلىقى يېڭىدىن 51 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، سەئۇدى ئەرەبىساندا يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 562 گە كۆپەيگەن ، 19 ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۇنىستا ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 89 غا، ماراكەشتە 143 كە، ئوماندا 66 فە، كۇۋەيتتە 189 غا، قاتاردا 501 گە، ئىئوردانىيەدە 128 گە كۆپەيدى.

كوۋىد - 19 سەۋەبىدىن 33 ئادەم قازا قىلغان فىلىپپىندا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 396 غا يەتتى؛ پرېزىدېنت رودرىگو دۇتېرتېغا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھالەت (OHAL) نى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى پارلامېنت كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.

8 ئادەم قازا قىلغان ھىندىستاندا، كوۋىد - 19 ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كوچىغا چىقىش چەكلەندى؛ ھىندىستان ھازىرغىچە 425 كىشىدە يۇقۇم بايقالدى.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى، ھىندىستان ۋە ئىسپانىيەدىكى 208 نەپەر پۇقراسىنى تارقاقلاشتۇردى.

نېپالدا بۈگۈندىن باشلاپ بىر ھەپتە بويىچە خەلقنىڭ مەجبۇر بولۇپ قالمىغان تەقدىردە سىرتقا چىقماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

ياپونىيە 18 ياۋروپا دۆلىتى ۋە ئىرانغا ساياھەت چەكلىمىسى قويدى.

ئىگىلىنىشچە، جەنۇبى ئافرىقا دۆلىتى زىمبابۋېدە كوۋىد – 19 ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۇنجى ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

ئافرىقا دۆلەتلىرىدە كوۋىد - 19 ۋىرۇسى بايقالغانلار سانى 1436 گە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 46 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر