ماس: ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ھەمكارلىققا ئېھتىياچ بار

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېيكو ماس يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇملۇق ئاپىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ھەمكارلىققا ئېھتىياچ بارلىقىنى ئېيتتى.

1384264
ماس: ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ھەمكارلىققا ئېھتىياچ بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېيكو ماس سىنئالغۇ يىغىنى ئارقىلىق ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى دىمىترىي كۇلېبا بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيادىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇملۇق ئاپىتىنىڭ دۇنياۋى بىر سىناق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ماس، «ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىگە دۆلەت سەۋەيىسىدە تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇش بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ھەمكارلىققا ئېھتىياچ بار» دېدى.

ماس ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ چېگرادا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە مىنىستىرى: «بىز ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى بىرلىكتە ئېلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ماس 6 يىل ئىلگىرى قىرىمنىڭ قانۇنسىز شەكىلدە روسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھەر ۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر