كولومبىيە تۈركىيە يوللىغان كوۋىد-19 غا دىياگنوز قويغۇچلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى
كولومبىيە، تۈركىيە ئەۋەتكەن 26 مىڭ دانە كوۋىد – 19 غا دىياگنوز قويغۇچنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا كۆزىتىش ئىنستىتۇتى بايانات بېرىپ، كوۋىد – 19 يۇقۇمىنى تېخىمۇ تېز ئېنىقلاشقا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن 26000 دانە دىياگنوز قويغۇچنى يەكشەنبە كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىنستىتۇت مودىرى جۇلىئو كېسار ئالدانا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مىنتدارلىق بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە ھۆكۈمىتى، پىرېزىدېنت ئىۋان دۇكۇئې ۋە بىر قاتار ئورگانلىرىمىزنىڭ سايىسىدا كوۋىد – 19 غا تېخىمۇ تېز دىياگنوز قويالايمىز» دېدى.
كولومبىيە تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋالدىۋىئېستومۇ، تۈركىيەنىڭ ياردىمى سايىسىدا كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
50 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە كولومبىيەدە ھازىرغىچە 235 كىشىدە كوۋىد – 19 ۋىرۇسى بايقالدى، 3 ئادەم قازا قىلدى.