گېرمانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال – ياراغ ئېكسپورتىنى توختىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتتى
گېرمانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال – ياراغ ئېكسپورتىنى توختىتىش مۇددىتىنى يەنە 9 ئاي ئۇارتتى.
1384021
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ «‹ DPA › ئاگېنتلىقى» نىڭ بىر ھۆكۈمەت باياناتچىسىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال – ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىش قارارنامىسىنىڭ مۇددىتىنى 2020 – يىلى 31 – دېكابىرغىچە ئۇزارتقان.
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتى سەۋەبىدىن 2018 – يىلى نويابىردا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال – ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، بۇ ھەقتىكى قارارنامىنىڭ مۇددىتىنى 2019 – يىلى 19 – سېنتەبىر كۈنى 2020 – يىلى 31 – مارتقىچە ئۇزارتقانىدى.