ياپونىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئېبولا ۋىرۇسى دورىسىنى سىناق قىلىشنى باشلىدى

ياپونىيەدە، تەتقىقاتچىلار يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە ياللۇغىغا قارشى ئېبولا ۋىرۇسىنى داۋالاشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسالغان Remdesivir ناملىق دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كلىنىكىلىق تەتقىقاتنى باشلىدى.

1383440
ياپونىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئېبولا ۋىرۇسى دورىسىنى سىناق قىلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ساغلاملىق ۋە داۋالاش مەركىزىنىڭ باشلىقى نورىئو ئوماگارى كلىنىكىلىق سىناقنىڭ ئېبولا ۋىرۇسىنى داۋالاشتا قوللىنىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان Remdesivir ناملىق دورىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەپ بولغان ئۆپكە ياللۇغىغا قارشى ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ تەتقىقات مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن باشلىنىشى پىلانلانغان بولۇپ، ئامېرىكا، كورېيە ۋە سىنگاپوردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ. 440 بىمار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

گەرچە ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسى، تارقىلىشچان زۇكام، زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن بىر قىسىم دورىلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۆھپە قوشقانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كلىنىكىدا ئىسپاتلانغان ۋىرۇسنى داۋالاش ئۇسۇلى يوق ئىدى. ئوخشىمىغان دورا گۇرۇپپىلىرى ئۈستىدە كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلار داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر