ئىران ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۆرەشكە ئامېرىكانىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ئامېرىكانىڭ يەر شارى خاراكتېرلىق يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشكە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1383309
ئىران ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۆرەشكە ئامېرىكانىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەۋاد زارىف ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا،  ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشى تەلەپ قىلىنغان چاقىرىقلاردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف: «ئىران خەلقى ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ئېمبارگولىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولغان دۇنيادىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرگە ۋە ئاممىۋىي تەشكىلارلارغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ. لېكىن ئامېرىكا ئاڭلىمايدۇ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يەر شارى خاراكتېرلىق كۈرەشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى، ئامېرىكانىڭ كوللىكتىپ جازالاش ئۇسۇلىغا قارشى چىقىشتۇر. ئەخلاقىي ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ ئىشقا سېلىنىشى زۆرۈردۇر » دېدى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1685 گە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 21 مىڭ 638 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر