ئانگېلا مېركېل ئۆزىنى ئۆيىدە كارانتىن ئاستىغا ئالدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ دوختۇرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بايقالغانلىقى سەۋەبىدىن، مېركېلنىڭ ئۆزىنى ئۆيىدە كارانتىن ئاستىدا ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1383221
ئانگېلا مېركېل ئۆزىنى ئۆيىدە كارانتىن ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇشتا جېنىدىن ئايرىلىش ۋەقەلىرىنى توختىتالمىدى.

جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىدا 651 كىشى كۆپىيىپ 5476 گە يەتكەن ئىتالىيەدە، دۆلەت ئىچىدىكى قاتناشلارغا چەكلىمە قويۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ شەھەر سىرتىغا چىقىشى چەكلەندى. دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 60 مىڭغا يەتتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 462 كىشى ئېشىپ، 2182 گە يەتتى. بۇ دۆلەتتە 79 ياشلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى پلاسىدو دومىنگو (Placido Domingo) ۋە ئايالىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى. دومىنگو تۋىتتېردا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، ئۆزىنى ئۆيىدە كارانتىن ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسپانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى كارمېن كاۋلو (Carmen Calvo) نەپەس ئېلشىتا قىينالغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك سالامەتلىكىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 674 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىدا 1559 كىشى كۆپىيىپ 16 مىڭ 18 گە چىقتى.

فىرانسىيە پارلامېنتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سەھىيە ساھەسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

فىرانسىيەنىڭ مۇھىت ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئېممانۇئېل ۋەغگون (Emmanuelle Wargon) تۋىتتېردا سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى، شۇڭا ئۆيىدە ئۆزىنى كارانتىن ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

109 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان گېرمانىيەدە، ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېفېن زايبېت (Steffen Seibert)، جۈمە (2020-يىلى 20-مارت) كۈنى باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلغا كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋاكسېناسىنى ئۇرغان دوختۇردا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن مېركېل خانىمنىڭ ئۆزىنى ئۆيىدە كارانتىن ئاستىغا ئېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە بىر ئائىلىدە ياشايدىغانلاردىن باشقا، ئىككىدىن كۆپ كىشىنىڭ جەم بولۇشى چەكلەندى. 25 مىڭ 857 كىشى يۇقۇملاندى.

گوللاندىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 43 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان 179 غا، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 573 كىشى كۆپىيىپ 4204 كە يەتتى.

شىۋېيتسارىيەدە 98، بېلگىيەدە 88، بىرازىلىيەدە 25 ۋە شىۋېتسىيەدە 21 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

گىرېتسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 15 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 624 كە يېتىشى بىلەن، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋاللاردا سىرتقا چىقىش چەكلەندى.

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە ۋە ئەنگلىيەگە بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى 2020-يىلى 15-ئاپرېلغىچە توختاتتى. گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

بالقان رايونىدىكى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 128 گە چىقتى. دۆلەتتە 05:00 تىن 18:00 ئارىسىدا سىرتقا چىقىش چەكلەندى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى سېرب جۇمھۇرىيىتىدە شەھەرلەر ئارا قاتناش توختىتىلدى.

كوسوۋۇ ۋە شىمالىي ماكېدونىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈملەر كۆرۈلدى. كوسوۋۇدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 33 كە چىقتى. شىمالىي ماكېدونىيەدە بۇ سان 115 كە چىقتى. سېربىيەدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 222 گە، كىرودىيەدە 306 گە، سىلوۋېنىيەدە 414 كە چىقتى، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. ئالبانىيەدە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار 89 غا يەتتى.

غەربىي بالقاندىكى قاراتاغدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم ئوتتۇرىغا چىقتى.

پولشا سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانىنىڭ يەتتىگە، يۇقۇملانغانلارنىڭ 649 غا چىققانلقىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 167 گە، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يەتتىگە چىققان ۋېنگرىيەدە، 2020-يىلى 11-مارت دۆلەت مىقياسىدا ۋىرۇسقا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر رامكىسىدا ئېلان قىلىنغان «جىددىي ھالەت» نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

سىلوۋېنىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 185 كە يەتتى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 281 گە، يۇقۇملانغانلار 5683 كە يەتتى. دۆلەت دوختۇرخانىلىرى يېتىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خۇسۇسىي دوختۇرخانىلارمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن دۆلەتتە، خەلقنىڭ ئۆيىدىن چىقماسلىقى چاقىرىق قىلىندى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون: «بىر-بىرىمىز بىلەن ئىككى مېتىر ئارىلىقتا تۇرۇپ ئالاقە قىلىشىمىز ۋە بۇ خىل قائىدەلەرگە رىئايە قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلايلى، چۈنكى ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر رامكىسىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئەنگلىيەدە تۇرۇپ قالغان ۋە تۈركىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىشلىرى باشلاندى.

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 473 گە، يۇقۇملانغانلار 35 مىڭ 225 كە يەتتى. پىرېزىدېنت ترامپ ۋاشىنگتون ۋە نىيۇ يورك ئىشتاتلىرىدا «چوڭ بالايى-ئاپەت ئېلان قىلىش» نى تەستىقلىدى. ئۇ مەزكۇر رايونلاردا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى دۆلەت قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى مۇھىم كىشىلەردىن جۇمھۇرىيەتچى راند پاۋۇل (Rand Paul) ئۆزىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە ئۆيىدە كارانتىن ئاستىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نىيۇ يورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى دېرموت شەي (Dermot Shea) بايانات ئېلان قىلىپ، 98 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

نىيۇ يوركتا تۆت دانە ھەربىي دوختۇرخانا قۇرۇش قارارى چىقىرىلدى. قىسمەن سىرتقا چىقىشنى چەكلەش قانۇنى يولغا قويۇلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ۋە ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بىر مەخپىي خادىمنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.

كانادادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 20 گە چىقتى، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1298 گە چىقتى.

ئاۋستىرىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 16 كىشىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3611 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋستىرالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى رامكىسىدا، بۈگۈن (2020-يىلى 23-مارت) دىن باشلاپ زۆرۈر كۈندىلىك ئېھتىياجلار قامدىلىدىغان جايلاردىن باشقا بارلىق جايلار تاقالدى. ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ۋەقە كۆرۈلگەن بۇ دۆلەتتە 2020-يىلى يانۋاردىن باشلاپ جەمئىي يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1609 غا چىقتى.

يېڭى زېلاندىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە زۆرۈر بولمىغان ئەھۋاللاردا سىرتقا چىقىشنى چەكلەش قانۇنى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ دۆلەتتە 102 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى. ھازىرچە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىدى.

ياۋروپادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت ئاندوررادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەردى.

چىلىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم كۆرۈلدى. 537 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى. دۆلەتتە سىرتقا چىقىش چەكلەندى.

تۈنۈگۈن (2020-يىلى 22-مارت) چېخىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۈم كۆرۈلدى. يۇقۇملانغانلار 1165 كە يەتتى. بۇ دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر سۈپىتىدە سىرتقا چىقىش ۋە ئىجتىمائىي ھاياتقا چەكلىمە قويغان تەدبىرلەرنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر