ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىران، يەنە بىر تەرەپتىن سۇ ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

ئىراندا 7 ئۆلكىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 7 گە يەتتى.

1383267
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىران، يەنە بىر تەرەپتىن سۇ ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇجتەبا خالىدى، «قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ھورمۇزگان ، بۇشەھىر ، فارس، سىستان - بەلۇچىستان، قۇم، گىيلان ۋە قىرمان ئۆلكىلىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. 7 ئادەم قازا قىلدى، 9 ئادەم يارىلاندى» دېگەن.

خالىدى ھۇرمۇزگان ئۆلكىسىنىڭ رۇدان رايونىدا 2 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالدى.

ئىران جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باياناتچىسى خالىدى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، كەلكۈن ئاپىتىدە 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر